ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملاشماقتا

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى تىككۈچىلىك زاۋۇتى ۋە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ھالىتى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا زاۋۇتنىڭ ئىچى ۋە 100 دىن جىق ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن. سىنلاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سىرتقى، ئىچكى كۆرۈنۈشىدىن بۇ زاۋۇتلارنىڭ شەھەردىن يىراق خىلۋەت يەرگە سېلىنغانلىقى، خىزمەتچىلەرنىڭ سوغۇق ھاۋادا پارمۇ بولمىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
خىتاي ئىزچىل ھالدا ئۆز جىنايىتىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقىنىنى، ھەتتا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1177 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق