تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 29 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (26-مارت)

26-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29081گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 220 مىڭ 985 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 29081 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1253 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 153 كىشى قازا قىلىپ، 20208 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 921 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30772گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1810غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق