ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن دېڭىز چارلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىندا يولغا قويغان «دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى»غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بىرلىكتە دېڭىز چارلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمىتى 25-مارت كېلىشىم ئىمزالاپ، دېڭىز چارلاش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپلىك سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا يېڭى قۇرۇلغان دېڭىز چارلاش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «يېڭى سۇپىسى» تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە تەيۋەن دېڭىز چارلاش ئىدارىسى، تەيۋەندىكى ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋەكىلى ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى ۋە ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ يەنە دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قوغداش، قانۇنسىز، دوكلات قىلىنمىغان ۋە تەرتىپسىز بېلىق تۇتۇش قىلمىشىنى ئازايتىش، دېڭىز-ئوكيان چارلاش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ۋە دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بۇ قېتىم كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى، تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئىكەن.
خىتاينىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرى ۋە پاراخوتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەننىڭ كونتروللۇقىدىكى دېڭىز رايونىغا داۋاملىق بېسىپ كىرگەچكە، تەيۋەن دېڭىز بويىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ، پاراخوتلارغا يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق