فېيسبۇك: خىتاي خاككېرلار ساختا سالاھىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فېيسبۇك شىركىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ساختا سالاھىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېرى ۋە تېلېفونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ساختا فېيسبۇك ھېساباتى ۋە ئالدامچىلىق تور بېكەتلىرى بىلەن تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىغا قارشى مۇرەككەپ مەخپىي ھەرىكەت قوزغىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەر نىشانلانغان.
فېيسبۇك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئابۇنىتلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ساختا فېيسبۇك ھېساباتى، ساختا تور بېكەت ۋە ئەپلەرنى ياساپ چىققان. بەزى ئەھۋاللاردا، خاككېرلار ياساپ چىققان تور بېكەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن قانۇنلۇق خەۋەر تور بېكەتلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان.
مەزكۇر ساختا ھېساباتلار ۋە ساختا تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يامان غەرەزلىك ئۇلىنىش بار بولۇپ، ئەگەر قوللانغۇچى ئۇلىنىشنى چەكسە، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرى ياكى يانفونى يۇقۇملىنىپ، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۈسكۈنىسىنى نازارەت قىلىشىغا يول قويىدىكەن. نەتىجىدە خىتاي خاككېرلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئورنى، كۇنۇپكا تاختىسى ۋە ئالاقە مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىدىكەن.
فېيسبۇك شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-ۋە 2020-يىللىرى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 500 گە يەتمەيدىكەن. شىركەت قەرەللىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە بۇ خىل ھۇجۇم تورىنى بايقىغان ۋە بۇ ساختا ھېساباتلارنى تاقاپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلغان.
فېيسبۇك بىخەتەرلىك سىياسىتى مەسئۇلى ناتانيېل گلېچېر(Nathaniel Gleicher)بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇلار بۇ شەخسىي روللارنى قۇرۇپ چىقىپ، جەمئىيەتتە ئۆزىگە ئىشەنچ تىكلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزى ياساپ چىققان ساختا ئۇلىنىشلارنى ئاچقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خاككېرلار خىتاينىڭ ئىككى تېخنىكا شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى يوق ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى «ئوت كۆز» (FireEye) بىر باياناتىدا: «بىز بۇ ھەرىكەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاش ئۈچۈن بولغان، دەپ قارايمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2021 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق