تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 28 مىڭدىن ئاشتى (25-مارت)

25-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 28731گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 222 مىڭ 753 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 28731 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1210 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 157 كىشى قازا قىلىپ، 19186 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 900 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30619غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1790غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 575 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق