بايدېن تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن 25-مارتتىكى سۆزىدە «شى جىنپىڭدا دېموكراتىيەنىڭ ئەسىرىمۇ يوق» دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 25-مارت چۈشتىن كېيىن پىرېزىدېنت بايدېن ئاقسارايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا بايدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «نۆۋەتتىكى كۈرىشىمىز 21-ئەسىردىكى دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ» دېگەن.
يىغىندا مۇخبىرلار بايدېندىن خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق ساقلاش-ساقلىماسلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش-چەكلىمەسلىك قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى سورىغان. ئۇ مەزكۇر سوئاللارغا: «بۇلار چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر، ئەمما بۇلار پەقەت ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قىسىمى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بايدىن سۆزىنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭدا دېموكراتىيەنىڭ ئەسىرى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
بايدېن يەنە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، تەيۋەن مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بايدېن يىغىندا يەنە يېقىندا دېموكراتىك دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ يىغىنغا قاتناشقان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىر سەپتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق