ياپونىيە شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك دوكلاتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ مۇجى (MUJI) شىركىتى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دوكلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە H&M، نايك، ئادىداس قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي تاراتقۇلارنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر شىركەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ مۇجى شىركىتى 25-مارت بىلدۈرگەن سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى بايقۇت قىلمىغانلىقىنى، داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شىركەت مەسئۇللىرى تېز سۈرئەتتە قارارىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
MUJI شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەت مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلارنى تەكشۈرگەن ۋە روشەن مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان. باياناتتا يەنە شىركەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملىرىغا ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق