ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەت پىلانى بويىچە تۈنۈگۈن كەچ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە كەلدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ئەنقەرەدە ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا بولدى. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
چاۋۇشئوغلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت كېڭىشى مېخانىزمى يىغىنىنىڭمۇ كېيىنرەك كەڭ دائىرىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ۋاڭ يى بۈگۈن پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان تەرىپىدىن پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا قوبۇل قىلىندى. تاراتقۇلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىمۇ قاتناشتى.
ب ب س تۈركچىگە مەلۇمات بەرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلومات مەزكۇر زىيارەتتىن بۇرۇن قىلغان سۆزىدە: «بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ناھايىتى مۇھىم تېمىلار بار. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھۆرمەتلىك مىنىستىر تەرىپىدىن چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ» دېگەن.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى بۈگۈن تىۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى سەزگۈرلىكىمىزنى ۋە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشقان زور كۆلەملىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىندى.
ئىستانبۇلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بايرىقى يەرگە تاشلىنىپ دەسسەلدى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ناھايىتى كۈچلۈك تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ خەۋەر 1117 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2021 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق