مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى مەھكىمىدە شېھىد بولدى
مىسىردا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2019-يىلى 17-ئىيۇن سوت زالىدا ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى سابىق پىرېزىدېنتنىڭ سوت زالىدا ئەھۋالى يامانلىشىپ ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
زالىم سىسى تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەرنىڭ سوتلىنىش جەريانىدا دەسلەپتە ئەھۋالىنىڭ يامانلاشقانلىقى، ئارقىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
بىلدۈرۈلۈشىچە مۇھەممەد مۇرسى تۆنۈگۈنكى سوتتا بەش مىنۇت سۆز قىلغاندىن كېيىن ھوشىدىن كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مۇرسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان جايلاردا ئۇنىڭ ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغان. تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇرسىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.
مۇھەممەد مۇرسى 1951-يىلى مىسىرنىڭ شىمالىدىكى شاركىيە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنژېنېرلىق كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان ۋە دوتسېنت بولۇپ خىزمەت قىلغان.
مىسىردىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان مۇھەممەد مۇرسى يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ (ئىخۋانۇل مۇسلىم) سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان.
مۇھەممەد مۇرسى 2000-يىلى مىسىردا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2011-يىلى 4-ئايدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قۇرغان ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مىسىرنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %51.73 ئاۋازغا ئېرىشىپ، مىسىرنىڭ 5-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان.
2013-يىلى 3-ئىيۇلدا زالىم سىىسى باشچىلىقىدىكى ھەربىي كۈچلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنغان. 2015-يىلى 5-ئايدا «جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دېگەندەك ئاساسسىز تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىنىپ سوتلانماقتا ئىدى.
مۇھەممەد مۇرسى مىسىر تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ سايلىشى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ قايغۇلۇق ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن زالىم سىسى ھاكىمىيىتى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، سىسىنىڭ ئۇنى ئۇزۇندىن بۇيان تۈرمىدە ئاستا - ئاستا ئۆلتۈرۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققى، دورا ئىشلىتىشى، ھەتتا ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە ئادۋۇكاتى بىلەن كۆرۈشىشىمۇ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ خەلقئارالىق مۇستەقىل بىر ھەيئەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «شېھىت مۇرسى قېرىندىشىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن» دېدى.
ئۇ ئىستانبۇلدا مۇرسىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە مىسىر خەلقىگە سەۋر تىلىدى.
ئۇ مۇھەممەد مۇرسىنىڭ يىللاردىن بۇيان مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان «زالىم سىسى» تەرىپىدىن مىڭلارچە دوستى بىلەن تۈرمىگە سولانغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.
سابىق پىرېزىدېنت مۇرسى2012-يىلى مىسىردا سايلام بىلەن تۇنجى پىرېزىدېنت بولغان. ئۇ2013-يىلى3-ئىيۇلدا سىسى باشچىلىقىدىكى ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.
مۇرسى ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە خەلقنى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.
مۇرسى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قولغا ئېلىندى ۋە تەخمىنەن ئالتە يىلدىن بۇيان تۈرمىگە سولىنىپ سوتلىنىۋاتقان ئىدى. بۇ بىر يىلدىن بۇيان سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى بىلىنەتتى.
شۇنداقلا شەرقى تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: مۇرسى بىر يېگىت، ھەقىقى ئادەم ئىدى. ئۇ داۋا يولىدا تاغ كەبى تۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئسىلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىقى چارىسىزلىكىمىزنى تېخىمۇ يۈزىمىزگە ئۇرماقتا. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنى يالغۇز قويۇپ، ئەمدى يىغلاپ تىز مۇشلىغاننىڭ ئەجىبا قانداق قىممىتى بار؟
داۋا ئادەملىرى ۋە ھەق داۋالار ساھىبسىز قالغان مۇددەتچە يەنە داۋاملىق مۇرسىلەردىن ئايرىلىمىز؛ دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
مىسىر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىلانلىرىنى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈشكە، دۆلەت مىقياسىدا مۇقىم ۋە كۆچمە ھالەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىڭلارچە چارلىغۇچىنى ھەرقايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئوفېتسىر ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ دەل ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان مىنىستىرلىق، دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار، چېركاۋلار ۋە مېھمانخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.