تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 29 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (24-مارت)

24-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29762گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 221 مىڭ 738 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 29762 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1142 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 146 كىشى قازا قىلىپ، 17761 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 881 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30462گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1720گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 629 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق