ش ئا ئە ت باش كاتىپى: ئىتتىپاقلاشساق خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرالايمىز

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقلاشقان تەقدىردە، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، باش كاتىپ سىتولتېنبېرگ 23-مارت زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئەگەر سىز خىتايدىن ئەنسىرىسىڭىز، خىتاي پات يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرى بىرلەشسە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %50ى ۋە دۇنيادىكى ھەربىي كۈچنىڭ يېرىمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىز بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە زور مىقداردا تېخنىكىلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرالايمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ستولتېنبېرگ ئىلگىرى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2030 پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ كۈچىيىشى، خىتاينىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان خەلقئارا سىياسىتىگە قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ تاقابىل تۇتاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن سەيشەنبە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىر قىسىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، چارشەنبە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، شۇنداقلا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۇنياۋى خىرىس قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
بىلىنكېن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ ئىجابىي ئىنكاسىغا ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 869 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2021 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق