تەتقىقاتچىلار: خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلماقتا

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىش يامان نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلان قىلغان دوكلاتلار يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلىغىچە %50كە يېقىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق خىتاي جىنايى قىلمىشىدىن تېنىۋېلىشقا يول ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش سەۋەبىنى «پىلانلىق تۇغۇتنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە نىكاھ ئۇقۇمىدىكى ئۆزگىرىش» دەپ جار سالغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2017-يىلدىن بۇيان زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰15.88 دىن ‰8.14 گە چۈشۈپ قالغان. يەنى قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە %50 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 2017-يىلىدىكى ‰11.4 دىن 2019-يىلى ‰3.69 گە چۈشۈپ، %67 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆپ تۆۋەنلىگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خوتەن ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %97نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يېزا نوپۇسىنىڭ نىسبىتى %78، تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2018-يىلى ئاران ‰8.58 ۋە ‰2.96 بولغان. بىراق بۇ رايوننىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى 2017-يىلدىن ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‰20 ۋە ‰15 دىن يۇقىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى بارلىق رايونلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى تېخى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر ناھىيەنىڭ 2019-يىلىدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰6.54 غا، نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى ‰0.05 غا چۈشۈپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن مەزكۇر جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە يېتەرلىك ئىكەن. ئەمما كۈلكىلىك يېرى شۇكى، خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان دوكلاتنى ئەيىبلەپ: «شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 2010-يىلدىن 2018-يىلغىچە تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلىدى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 717 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2021 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق