ياۋروپا ئەللىرى خىتاي باش ئەلچىلىرىنى جىددىي چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23- مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى جىددىي چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرگېر خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېننى جىددىي چاقىرتىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېلان قىلغان جازاسىغا قارشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۆلەت ھالقىغان 10 پارلامېنت ئەزاسىغا، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەتقىقات ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە دىپلوماتلىرى خىتاي ئېلان قىلغان جازانى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دەپ تەنقىد قىلغان ھەمدە خىتايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇندىن باشقا، فىرانسىيە، بېلگىيە، دانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي باش ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئېلان قىلغان ئۆچ ئېلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارولاين ۋىلسوننى چاقىرىپ، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە تەھدىت سېلىپ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ خاتالىقىغا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق