باي ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەش تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 24-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 05:14 تە ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك 41.70 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.11 گىرادۇس ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەش بەش كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدىكى يېزا-كەنتلەرگە تەسىر قىلغان. ئەمما ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1017 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق