خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامايىشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 25-مارت تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتلەر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق ئېلان قىلغان بولۇپ، چاقىرىقتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:
«خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئىستانبۇلدا ئومۇميۈزلۈك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامايىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا چاقىرىمىز. پائالىيەت جەريانىدا ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇلاردىن سىرت، ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا پەقەت تەكلىپ قىلىنغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تاراتقۇ ئورگانلىرى قاتنىشىدۇ»
بۇ قېتىملىق نامايىش 25-مارت سائەت 10:00دا ئىستانبۇلدىكى بەيازىت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق