كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى يەنە بىر تۈركۈم ياردەم پۇلى تارقاتتى

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 23-مارت ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.
كۆك ئاي جەمئىيىتى بۇ قېتىم ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرنى ئەتراپلىق ئېنىقلاپ چىقىپ، 320 مىڭ لىرا نەق پۇلنى داۋالاش خىراجىتىگە چىقىنالمىغان 41 ئائىلىگە 2000 لىرادىن، ياشىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان 50 ئائىلىگە 1200 لىرادىن، 109 تۇل ئائىلىگە 150 لىرادىن، ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق 15 ئائىلىگە 1000 لىرادىن تارقىتىپ بەرگەن.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان ياردەمدە قارىغۇچىسى يوق ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار كېسەل كىشىلەر، قىيىنچىلىقى بولغان تۇل ئاياللار ۋە ياشىنىپ ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان ئائىلىلەر ئاساس قىلىنغان.
كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم مەنبەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 949 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق