ئامېرىكا-ئەنگلىيە خىتاينىڭ يولسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي (Katherine Tai) دۈشەنبە ئەنگلىيە خەلقئارا سودا ۋەزىرى لىز تىرۇس (Liz Truss) بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ئەركىن سودا سۆھبىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ يولسىز سودا قىلمىشىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا قىلىش ئادىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئەمگەكچىلەرنى مەركەز قىلغان سودا سىياسىتىنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە تەرەپنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى قارار قىلغان.
ئەنگلىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى بۇندىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە مەسئۇل بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇت-كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان بارلىق پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

بۇ خەۋەر 773 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق