ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى يىغىنىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلغان.
22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا بىلەن ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان، دەپ بېكىتىلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئەقىل ئامبىرى ۋە ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون شەخس ۋە تۆت ئورۇننى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى قوللاپ، خىتايغا قارشى خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىنكلېر گيۇلا (Winkler Gyula) دۈشەنبە ئېلخەت ئارقىلىق: «بۈگۈن ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بولۇپمۇ خىتاي ئېلان قىلغان قوبۇل قىلغۇسىز جازا سەۋەبلىك سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار مۇھاكىمە يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسولى (David Sassoli) دۈشەنبە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
فىرانسىيەلىك ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكسمان(Raphael Glucksmann)خىتاينىڭ جازا تىزىملىكىدە بار بولۇپ، ئۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا: «مەن ۋە ئائىلەم خىتاينىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدۇق. مەن خىتايغا كىرەلمەيدىغان، خىتاي ئەمەلدارلىرى ياكى شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان بولدۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىمدىن بولدى. خىتاينىڭ جازاسى مەن ئۈچۈن شەرەپ مېدالى، خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 12-ئايدا خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن بىر قاتار مۇھىم ساھەلەردە تۇيۇقسىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا زور دەرىجىدە يول قويغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ ھالقىلىق پەيتتە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېلان قىلغان جازاسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بىلەن باراۋەر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق