ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھە بىرلەشمىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى كىيىم-كېچەك، پارچە سېتىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە بىرلەشمىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خەلقئارالىق مۇئامىلە قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئاياغ سېتىش سودىگەرلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلار جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك پارچە سېتىش بىرلەشمىسى، پارچە سېتىش كەسپى رەھبەرلىرى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا مودا كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقى، ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى جازالاش ئۇسۇلنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، بارلىق مەنپەئەتدارلار نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكى، سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى يېقىنقى ئىككى يىلدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرغانلىقى، ھەرقايسى ساھە جەمئىيەتلىرى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيە»نى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 667 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق