تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 26 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (23-مارت)

23-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 26182گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 211 مىڭ 848 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 26182 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1006 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 138 كىشى قازا قىلىپ، 19201 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 863 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30316گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1710غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 629 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2021 13:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق