خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا قارارىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا قارشى خىتاي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «پاكىتقا ھۆرمەت قىلمىدى، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقاردى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئون پارلامېنت ئەزاسى ۋە تەتقىقاتچىغا، شۇنداقلا تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن ئەتىگەن خىتايدا تۇرۇشلۇق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ۋە «شىنجاڭدا جازا لاگېرى يوق، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەربىيەلەش مەركىزى بار» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي ئېلان قىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا قارارىغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ چەكلىنىدىكەن.
بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە گېرمانىيە سىياسىيونى رېينخارد بۇتىكوفېر (Reinhard Bütikofer)خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدىكى تىزىملىكتە ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى باش قىلىشتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz)ۋە شىۋېتسىيەلىك ئالىم بىيورن يېردېن (Bjorn Jerden)مۇ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلانغان.
خىتاي ئۆچ ئېلىش تىزىملىكىگە يەنە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى شورد شوردسما (Sjoerd Sjoerdsma)مۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرى خىتاينىڭ بېسىمغا قاتتىق سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جازالىماقچى بولغان تۆت ئورۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى ۋە گېرمانىيە مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى مەركىزى، دانىيە دېموكراتىك بىرلەشمە فوندى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق