ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا رەسمىي جازا ئېلان قىلدى

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى سەۋەبلىك، 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا يۈرگۈزمەكچى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىكەن:
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو؛
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە دائىمىي كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن؛
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋېزىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ؛
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۈن؛
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاڭ مىڭشەننىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاش، سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلاردا مۇھىم رول ئالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. جۇ خەيلۈن لاگېرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا نۇقتىلىق شەخس دەپ قارالغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى جازا لاگېرلىرىنىڭ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك، سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، دەپ قارالغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 30 ئەزا بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، خىتايغا ئېنىق ئۇچۇر بەردۇق. خەلقئارا جەمئىيەت ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا بۇنداق ئېغىر دەرىجىدە سىستېمىلىق دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاينىڭ قىلمىشىغا كۆز يۇمالمايدۇ. بىز ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىجرا قىلماقچى بولغان جازا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش، بارلىق مال -مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جازانىڭ ئاساسلىق نىشانى شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلمىشنى چەكلەش ۋە ئەيىبلەش ئىكەن. بۇ 1989-يىلى تيەنئەنمېن قەتلىئامىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك تۇنجى قېتىم خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشى ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ياكى جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 776 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق