شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتى داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئەمگەكلىرىگە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىنلارغا كىرىشتۈرۈلگەن «يۇرتىمىزغا بىر كېلىپ مۇخبىر كارامەتنى كۆرۈڭ، ئاڭلىغانۇ كۆرمىگەن ھەرخىل ئالامەتنى كۆرۈڭ» دېگەندەك ناخشىلارمۇ ئەمگەككە سېلىنغانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كىچىككىنە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئىپادىلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1060 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق