شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدىكى نامايىش داۋاملاشماقتا

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا ئورۇنلاشتۇرغان ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
نامايىش پائالىيىتىنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى پارلامېنت ئالدىدا داۋاملاشقان. نامايىشتا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلىنغان.
نامايىشچىلار جازا لاگېرلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىلسۇن!» ۋە «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىغان.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا سولاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن قىيناپ زىيانكەشلىك قىلماقتا. ئەمما خىتاي شاھىتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان دوكلاتلارنى ئىنكار قىلىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ تەتقىقاتچىلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق