قاتار خىتاي بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى

خىتاينىڭ سىنا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتار بىلەن خىتاي يىللىق سېتىش مىقدارى ئىككى مىليون توننىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.
قاتار نېفىت شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىش ۋە تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە قاتار نېفىت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى سەئىد ئەلكەئبى ۋە خىتاي نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى باش دىرېكتورى جاڭ يۈجونىڭ سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە قاتاردىن خىتايغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنىڭ 2022-يىلى 1-ئايدىن تارتىپ باشلىنىدىغانلىقى، كېلىشىمنىڭ ئون يىلغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ھەر يىلى ئىككى مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قاتار 2009-يىلىدىن بېرى خىتايغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق