تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 22 مىڭدىن ئاشتى (22-مارت)

22-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 22216گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 201 مىڭ 215 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 22216 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 981 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 117 كىشى قازا قىلىپ، 19494 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 844 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30178گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1644كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 681 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2021 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق