21- مارت ئەنقەرە كەچىئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
كۆرگەزمىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزى ئورۇنلاشتۇردى.
كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، بىناكارلىق، ئويمىچىلىق، نەققاشلىق مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەردە ئۆزگىچە تەسىر قالدۇردى.