«خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كۈنى»دە ئۇيغۇرلارمۇ نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلد 21-مارت ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كۈنى»دە سۆز قىلىپ، قۇللۇق ۋە ئىرقچىلىقنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
گىرىنفىلد بېرمىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى مىسال قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى دەي بىڭ (戴兵) نۇتۇق تىزىملىكىدە ئىسمى بولمىسىمۇ سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ «قۇرۇق گەپ، باشتىن-ئاخىر قىپقىزىل يالغان» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېنمۇ 21-مارت «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
بايدېن باياناتىدا ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان يادرولۇق قىممەت قاراشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارادا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش مەسىلىسى، بېرما مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق