ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى

ئاۋسترالىيە ئا ب س خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ تەكلىپ ئاۋسترالىيەدىكى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كېۋىن ئاندرۇس (Kevin Andrews)ۋە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىرىس ھېيس (Chris Hayes)مەزكۇر تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇزاكىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان بولۇپ، پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنىدىكەن.
يېقىندا فىرانسىسكو مارتىنس (Francisco Martins) ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا سولاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان، ئەمما بۇ تەكلىپ ئاۋسترالىيەدىكى ئىككى ئاساسلىق پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 928 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق