كېلەچەك پارتىيەسى كوجائەلىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار پائالىيەت تەشكىللىدى

20-مارت كۈنى كېلەچەك پارتىيەسى كوجائەلى ۋىلايەتلىك ياشلار شۆبىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
شۆبە رەئىسى سەما بوزابا پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قويغان چەكلىمىلەر زور قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىنغان زۇلۇم كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك 22 دۆلەت شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى تېزدىن توختىتىشقا چاقىردى. بۇ دۆلەتلەر ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىمزا قويماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىنى، خەلقئارالىق مۇستەقىل ھەيئەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق