شىۋېتسىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 20-مارت ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى سېتىش مەركىزى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
يېقىنى مەزگىللەردە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى گېرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنىسازلىق شىركىتى ۋولكىس ۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى شۆبىسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتىگە ياردەملەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
بۇ سەۋەبلىك شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋولكىس ۋاگېننىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە ياردەملىشىشكە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش باشلىدى. تۇنجى كۈنلۈك نامايىش ۋولكىس ۋاگېننىڭ سىتوكھولمدىكى سېتىش مەركىزى ئالدىدا تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ھەر شەنبە سائەت 11:00 دىن 17:00 گىچە ئالتە سائەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئالتە ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇش پىلانلانغان.

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق