بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇاۋېي باشقۇرغۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈردى

كاناداغا جايلاشقان بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا توردىكى مۇنازىرە مۇنبىرىگە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنى تەكلىپ قىلىشى ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي مۇنبىرى» پائالىيىتى ئالدىنقى شەنبە باشلانغان بولۇپ، مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغان كارخانا باشلىقلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئىچىدە خۇاۋېينىڭ كانادا باش بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئولىۋېرا زاتېزالومۇ (Olivera Zatezalo)بار ئىكەن.
مەزكۇر تور مۇنازىرىسى بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى «خىتاي سودا كۇلۇبى»(BizChina Club)تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 19-مارتتىن 22-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مۇنبەرنىڭ تور بېتىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا «بىرلىكتە تىرىشىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، قوللىنىشچان تېخنىكا، خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق تېمىلار، شۇنداقلا كانادا بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقچى بولغان. ۋانكوۋېر ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شالىنە نۇرئەلى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ چارشەنبە كەچتە «خىتاي سودا كۇلۇبى»غا بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، مەكتۇپتا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىمزا قويۇپ، بارلىق پائالىيەتنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇلتۇر 12-ئايدا، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىناق ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مېگۋى تېخنىكا شىركىتى (Megvii Technology Ltd ) بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرانى سىناق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 659 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق