ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چاقىرىقى ئەۋەتتى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىر قانچە خىتاي شىركىتىگە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چاقىرىقنامىسى تارقاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ھېسابلانغان چەت ئەل خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىگە بىخەتەرلىك تەكشۈرتۈش ھەققىدە چاقىرىقنامە تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى چاقىرىقنامە تارقىتىلغان شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئىكەن.

ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جىنا رېموندو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشەنچسىز شىركەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىققا، ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى ياكى باشقا جايلاردىكى يامان غەرەزلىك پائالىيەتلەردە قوللىنىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 681 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق