تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 20 مىڭدىن چۈشمىدى (21-مارت)

21-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 20428گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 189 مىڭ 906 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 20428 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 965 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 102 كىشى قازا قىلىپ، 17615 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 825 مىڭغا، قازا قىلغانلار 30061گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1568گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 618 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق