خىتاي ئالياسكا ئۇچرىشىشىدا تىرامپنىڭ خىتايغا قاراتقان جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ يولغا قويغان خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پەيشەنبە ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن جوۋ بايدېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي يىغىندا ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كۈنتەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بولسا يىغىندىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇش، جەنۇبىي دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىقتىسادىي تەسىر كۆرسىتىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە تور بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كىلېمات ئۆزگىرىشى، يەرشارى ئاممىۋى ساغلاملىقىنى ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ قانداق ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىپ بېقىشنى پىلانلىغان. بىراق خىتاي باشقىچە كۈنتەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پىلانىغا يېقىنلاشمىغان. ئەكسىچە بايدېن ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىدىن تىرامپ دەۋرىدە خىتايغا قارىتىلغان نۇرغۇن سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە مۇناسىۋەتنى ئوڭشاشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2021 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق