ئىستانبۇلدا ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۈگۈن ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سېتىش نۇقتىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا يانداش مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك جىنايى قىلمىشىغا خەلقئارادىكى 80 دىن ئارتۇق داڭلىق شىركەتنىڭ چېتىلغانلىقى، بۇلار ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ۋولكىس ۋاگېن ماشىنىسازلىق شىركىتى بار ئىكەنلىكى، مەزكۇر شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا رايونلىرىدا تارماق زاۋۇتى بارلىقى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى، بۇ قىلمىش ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن خىتاي رېجىمى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ بۇ يولدىن قايتىشى كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە خىتايدىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى قايتۇرۇپ چىقىشىغا چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2021 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق