خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 19-مارت شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز بالىلار لاگېرىغا قامالغان بالىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن مېھرىبان قادىر ۋە ئابلىكىم مەمتىمىن 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ئىتالىيەگە كەتكەنلىكىنى ۋە بالىلىرىنى ۋاقىتلىق چوڭلارغا تاپشۇرۇپ قويغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭلارنىڭ جازا لاگېرغا قامىلىشى بىلەن بالىلىرىنىڭ باققۇچىسىز قالغانلىقىنى، باشقا تۇغقانلىرىنىڭمۇ جازا لاگېرىغا قامىلىشتىن قورقۇپ بالىلىرىغا ئىگە چىقالمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ 2019-يىلى نويابىردا ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىجازەت ئالغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ ئىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، بالىلىرىنىڭ يېرىم يولدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە دۆلەت تارمىقىدىكى بىر دارىلئېتامغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
مېھرىبان خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بالىلىرىم ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىدا، مەن ئۇلارنى قايتا كۆرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن» دېگەن.
گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئۆمەر ئەپەندىمۇ ئايالى مەريەم فەرۇخ بىلەن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە چىقىۋالغانلىقىنى، ئەمما بەش ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى بالىسىنى چوڭلارغا قويۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ چوڭلىرى جازا لاگېرىغا قامالغاندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچى ئالكان ئاكاد خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىزلەرچە ھەرىكىتى سەۋەبلىك، بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ قېشىغا قايتىشقا ئۇرۇنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق