ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى ئۈچ كېڭەش پالاتا ئەزاسى «خىتاي سودا مۇناسىۋىتى قانۇنى» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتون (Tom Cotton)، جىم ئىنخوف (Jim Inhofe)ۋە رىك سكوت (Rick Scott )قاتارلىقلار «خىتاي سودا مۇناسىۋىتى قانۇن تەكلىپى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2000-يىلى 19-سېنتەبىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاۋازغا قويۇپ، خىتايغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنى بېرىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە يول ئاچقان. 20 يىلدىن بۇيان خىتاي سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلەشكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ئىنخوف بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 2000-يىلى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە قارشى بېلەت تاشلىغان بىردىنبىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ باياناتىدا: «مەن بۇنى 20 يىل بۇرۇن ئېيتتىم. مەن يەنە شۇنى دەيمەنكى، بىز سودا مۇناسىۋىتىنى قوغلىشىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بەزى رېئاللىقىغا سەل قاراشقا يول قويماسلىقىمىز لازىم. خىتايغا سودا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى قوللىغانلىق بولىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى «جېكسون-ۋانىك تۈزىتىش لايىھەسى»گە ئاساسەن، خىتاينىڭ سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ھەر يىلى تەستىقلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق يەنە جېكسون-ۋانىك تۈزىتىش لايىھەسى كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرلارنى تەسىس قىلىش، تۇغۇتتىن چەكلەش، ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2021 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق