تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 21 مىڭدىن ئاشتى (19-مارت)

19-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 21030غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 187 مىڭ 859 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 21030 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 934 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 87 كىشى قازا قىلىپ، 18119 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 788 مىڭغا، قازا قىلغانلار 29865كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1547گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق