يۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان ئۇيغۇر ئانىلار ئەنقەرەگە يېتىپ باردى

يېقىندا ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ھەرىكىتى يېرىم يولدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، 17-مارت ساقچىلار ئۇلارنى ماشىنا بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئەنقەرەگە ئاپىرىپ قويغان.
ئالتە ئانا 8-مارتتىن باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرىغا سولاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قىلمىشىغا قارشى، شۇنداقلا بەش يىلدىن بېرى خەۋىرىنى ئالالمىغان پەرزەنتلىرىنىڭ دەۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى.
ئانلار بىر قانچە كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ، كوجائەلى ۋىلايىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۈرۈشنىڭ 10-كۈنى، يەنى 18-مارت ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، پىيادە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېيتقان. ئانىلار ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، پىيادە يۈرۈش ھەرىكىتىنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخىردا ساقچىلار ئانىلارنى ماشىنىغا چىقىرىپ، ئەنقەرەگە مەجبۇرىي ئاپىرىپ قويغان ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەۋاسىنى ئەنقەرەدە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلار يەنە ئۇلارغا يەنە ھەرقايسى پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، نامايىش شەكلىنى ئالغان پائالىيەتلەرنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تاپىلىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئانىلار پائالىيىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەنقەرەدە بارلىق پارتىيە، ئاخبارات ئورگانلىرى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇن ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى چەكلىشى تۈپەيلىدىن، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى خەلقئاراغا پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار يەنە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سىنلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇشىنى ۋە دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 954 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2021 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق