شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى

18-مارت شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن مەزگىللىك نامايىشىنى باشلىدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن نامايىشتا پائالىيەتچىلەر چېدىر قۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىل»، «جازا لاگېرلىرىنى تاقا» دەپ شوئار توۋلاپ، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مالىيە مەسئۇلى ئادەم غالىپ باياناتىدا نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قاماقلىق. بىز چېدىر قۇرۇپ، ئالتە ئايغىچە ھەر كۈنى پارلامېنت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىمىز. كانادا، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايى قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. بىز شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئوخشاش قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۇ خەۋەر 967 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق