بېرمىدا خىتايغا قارشى كەيپىيات بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما خەلقىنىڭ ھەربىي تەرەپكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.
خىتاي 1-فېۋرال بېرمىدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تولۇق ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بېرما خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتىنى توسۇپ قالالمىغان.
سىياسەتشۇناس رىچارد خورسېي (Richard Horsey)نىڭ خىتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، كىمنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى، شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ بېرما ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھەربىي ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بېرما خەلقىنىڭ نارازىلىقىنىڭ شۇنچە كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېرىمنىڭ سىياسىي مۇھىتى كۈنسېرى خىتاينى دۈشمەن، دەپ قاراشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى يەكشەنبە بېرىمنىڭ ئىقتىساد مەركىزى ياڭگوندا ئاز دېگەندە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى 32 زاۋۇت كۆيدۈرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇسى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭ نەتىجىسىدە تەخمىنەن 31 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بېرما دائىرىلىرىدىن بېرمىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
سەيشەنبىدىن باشلاپ، سەزگۈر رايونلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرى بىر-بىرلەپ تاقىلىپ قالغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ۋەكىلى مۇخبىرلارغا: «بارلىق خىتاي ئىشچىلار زاۋۇتقا يوشۇرۇنۇۋالدى، پەقەت بىر قانچە ساقچى بۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى تەھدىت خاراكتېرلىك ئىنكاسلارنى ئېلان قىلىپ: «ئەگەر بېرما دائىرىلىرى قالايمىقانچىلىقنى توختىتالمىسا، خىتاي كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن» دېگەن. خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە ئەگىشىپ ، بېرمىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى بارغانسېرى كۈچەيگەن.
تايلاند چۇلالوڭكورن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت مۇتەخەسسىسى تىتىنان پوڭسۇدىراك (Thitinan Pongsudhirak) نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە قارشى پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ تارقىلىش كۈچى زور بولۇپ، كامبودژا، لائوس ۋە باشقا جايلارغا كېڭىيىشى مۇمكىن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش جەريانىدا ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى ئوققا تۇتۇشى بىلەن، كەم دېگەندە 200 نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان. نۆۋەتتە بېرما كوچىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن. خۇاۋېي يانفونلىرىنى بايقۇت قىلىشتىن تارتىپ، خىتاينىڭ دوۋيىن ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكىچە، خىتاي تاۋارلىرىنى كەينى-كەينىدىن بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
خىتاي بېرمىغا ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، بېرما ئارمىيەسىنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي بىلەن بېرما چېگراسىغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەت ئەسكەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق