خىتاي «قىزىل مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» نامىدا ئۆسمۈرلەرنى كوممۇنىزمغا مەجبۇرلىماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا «قىزىل مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» نامى بىلەن يەسلى يېشىدىكى بالىلارغا كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى زورلاپ تېڭىش پىلانىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەلىك مائارىپ پەن-تېخنىكا ئىدارىسى كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان ۋە بۇنى «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» دەپ سۈپەتلىگەن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە باي ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باش تېما يىغىنى تەشكىللەش، قىزىل دىرامىلارنى ئورۇنلاش، قىزىل فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ياش-ئۆسمۈرلەرگە كومپارتىيە ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇندىن باشقا خەۋەردە يەنە باي ناھىيەلىك قار لەيلىسى يەسلىسى ئوقۇش باشلانغان تۇنجى دەرستە بالىلار ئۈچۈن ئاتالمىش «ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرىدىغان «قارلىق تاغقا يامىشىش»، «ئوتلاقتىن ئۆتۈش»، «قامال لىنىيەسىنى كېسىپ ئۆتۈش»، «لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىش»، «لازىكۇدىكى كەسكىن جەڭ»، «دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش»، «قىزىل بايراقنى ئىزدەش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلاردا ئاتالمىش «قىزىل گېن» ۋە «قىزىل ئىدىيە» يېتىلدۈرۈشكە، كومپارتىيەنى سۆيىدىغان ھېسسىياتىنى يىلتىز تارتقۇزۇشقا كۈچىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن سىرت، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن باشقا، قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتىنىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1136 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2021 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق