تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 20 مىڭدىن ئاشتى (18-مارت)

18-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 20049گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 184 مىڭ 452 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 20049 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 902 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 81 كىشى قازا قىلىپ، 18615 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 770 مىڭغا، قازا قىلغانلار 29777گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1503كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 661 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2021 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق