تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 19 مىڭغا يېقىنلاشتى (17-مارت)

17-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 18912گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 167 مىڭ 526 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 18912 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 869 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 73 كىشى قازا قىلىپ، 17161 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 752 مىڭغا، قازا قىلغانلار 29696گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1484گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق