سەفاكۆيدە نۇزۇگۇم چايخانىسى ۋە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ تارماقلىرى ئېچىلدى

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىگە قاراشلىق نۇزۇگۇم چايخانىسىنىڭ تارمىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 17-مارت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى رايونىدىن كەلگەن 150 گە يېقىن خانىم-قىزلار قاتناشتى. مۇراسىمدا ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن شەمشىقەمەر ئارتۇش خانىم، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ۋە ئېچىلىشقا قاتناشقان خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەل دۇئالىرى ۋە تەبرىكلىرى بىلەن لېنتا كېسىلدى.

نۇزۇگۇم چايخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مېھمانلار نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ سەفاكۆيدە يېڭىدىن ئېچىلغان تارماق ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت جەريانىدا شەمشىقەمەر ئارتۇش خانىم سۆز قىلىپ، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ تارماقلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ، گۈزەل دۇئا-تىلەكلەردە بولغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ دەۋا پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى پېشقەدەملەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، پەرزەنتلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل يېتىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنى شۇ كەسىپتە مۇكەممەل يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ۋە نۇزۇگۇم چايخانىسىنىڭ تارماقلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بۇ چايخانىنىڭ تارمىقىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز خەلقىمىزنى پاكىز، ئىشەنچلىك، ئائىلىدە پىشۇرۇلغان تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن تەمىنلەش ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارغا ئىش پۇرسىتى سۇنۇش. جەمئىيىتىمىزنىڭ تارمىقىنىڭ ئېچىلىشىدىكى مەقسەت بولسا سەفاكۆي رايونىدىكى ئاياللارنىڭمۇ ھەرۋاقىت بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆم ھالەتتە دەۋا ئۈچۈن ياخشى خىزمەتلىرىنى قىلىشىغا، تەلىم-تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە، مۇنازىرە-سۆھبەتلەرگە، تۈرلۈك يىغىلىشلارغا قولايلىق يارىتىش» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1709 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق