«مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى 90-كۈنىگە قەدەم قويدى

ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى ھاۋانىڭ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن 90-كۈنىگە قەدەم قويدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، «زالىم خىتاي، ئاتا-ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار ئىچىدىن بىر خانىم شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامالغان تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختاينى تۇتۇپ تۇرۇپ، تۆت يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، 84 ياشقا كىرگەن ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنىغا نەچچە يىل بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولۇپ، خىتايدىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشىغا كۆپلەپ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتكەن بىر پەيتتە، خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ، جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا نامايىشىچىلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1298 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق