ياۋروپا ۋەكىللىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشتە بىرلىككە كەلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق تۆت خىتاي ئەمەلدار ۋە بىر خىتاي ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، ئالاقىدار تىزىملىكنىڭ تەپسىلاتى 22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رەسمىي تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جازانىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويۇلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن.
بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قەتلىئامىدىن كېيىن، ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولغان خىتاينى تۇنجى قېتىم جازالىشى ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا تەستىقلانغان قورال سېتىش ئېمبارگوسى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتىكەن.
گەرچە خىتايغا قارىتىلغان يېڭى جازا سىمۋوللۇق دەپ قارالسىمۇ، ئەمما بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىلى جاڭ مىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مەزكۇر جازانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينى قارشىلىشىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز قارشىلىشىشنى ئەمەس، سۆھبەتلىشىشنى خالايمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر بىرەرسى قارشىلىشىشتا چىڭ تۇرسا، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1204 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق