ئالما شىركىتىنىڭ خىتاي شىركىتى بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

يېقىندا ئالما شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى سەۋەبلىك كامېرا ۋە زاپچاس تەمىنلىگۈچى شىركەت ئوفىلم (Ofilm) گۇرۇھى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىلۇمبېرگ خەۋەر تورى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئەھۋالدىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ خىتاي شىركىتى ئوفىلمنىڭ تەمىنلىگۈچى شىركەت تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى، بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئالما شىركىتىنىڭ مەزكۇر شىركەت بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئوفىلم شىركىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن.
تۈنۈگۈن مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەندىن ئالما شىركىتىنىڭ ئوفىلم شىركىتىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ئوفىلم شىركىتىنىڭ پاي چېكىنىڭ %10 چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سوئال سورىغان. جاۋ لىجيەن بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئاۋسترالىيە سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى «ASPI» بۇلتۇر 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، 80دىن ئارتۇق خەلقئارالىق شىركەتنىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 955 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق