ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى زىيارەت قىلىش تەلىپى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
ياۋروپالىق بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» تۆھمىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۈرمىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى جاڭ مىڭ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ئەمما خىتاي قانۇنى بىلەن ئەيىبلەنگەن مەھبۇسنى زىيارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبلىك توختاپ قالدى» دېگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت(Michelle Bachelet)2-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ئىزچىل ھالدا «زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ، تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ» دېگەن سۆزىنى تەكرارلاپ كەلگەن.
جاڭ مىڭ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ساياھەتچىلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر بېرىشكە ئۇرۇنغان بارلىق چەت ئەللىك مۇخبىرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق پاراكەندىچىلىكى ۋە نازارىتىگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق